شۋېتسىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ 5 - ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باش قارىلىغۇچى توماس لىندستراندنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر جاسۇس 2008 - يىلى يانۋاردىن بۇ يىل ئىيۇننىڭ 3 - كۈنىگىچە جاسۇسلۇق جىنايىتى سادىر قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئەمما لىندستراند ئەپەندى مەزكۇر ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائىتى ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق قىلغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ سەل مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە "چۈنكى بۇ پەقەت شۋېتسىيىگە قارشى ھەرىكەتلەرگىلا چېتىشلىق ئەمەس. ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئالاقىچى شېرىكلىرى بار" دېگەن، ئەمما مەزكۇرنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلىمىغان.
بۇ دېلوغا ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن خىتايغا ئىشلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىشپىيون خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن.