2011-يىلى 28-دېكابىر خىتاي ساقچىلىرى چېگرادىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، ئارىسىدا ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بالىلارنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى رادىئومىز تەرىپىدىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جىم بولغان ئىدى.
نيۇ-يورك فېستىۋالى ئاخبارات ساھەسىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق مۇسابىقە. بۇ يىللىق نيۇ-يورك فېستىۋالىغا 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى 200 دىن ئارتۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسەرلىرى قاتناشتۇرۇلغان. شۆھرەت ھوشۇر ئەپەندىنىڭ «ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسى» ناملىق پروگراممىسى، بۇلتۇر ئەرەب دۇنياسىدا يۈز بەرگەن مىسىر تەھرىر مەيدانى ئىنقىلابى، لىۋىيە ۋەقەسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ئەسەر، دەپ باھالانغان.
18-ئىيۇن نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرمۇ قاتناشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن باشقۇرغۇچىسى «ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئەركىنلىك ساداسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ خەۋەردە ئەينى چاغدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «خوتەن موكۇيلا يېزىسىدا ساقچىلار تېررورچىلاردىن 4 نى ئۆلتۈرۈپ، 4 نەپىرىنى يارىلاندۇرۇپ، 4 نەپىرىنى قولغا ئالدى» دەپ ئېلان قىلىنغان يالغان خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلىنىپ، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئاتالمىش «تېررورچىلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە 2 نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، يارىلانغان بالىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ تېخى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بالا ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەت ئاشكارىلىۋېتىلگەنلىكى پروگراممىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلدى، دېگەن.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يەنە رادىئومىز كورىيە بۆلۈمىدىن جۇڭ مىننوھ، ۋون خېلې، جىنسېئو لې قاتارلىق مۇخبىرلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ تاللانغان ئەسەرلەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر 2009-يىلدىكى نيۇ-يورك فېستىۋالىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى ئالغان ئىدى.