دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شىۋېتسيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىققا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» خاتىرىلىنىۋاتقان كۈنلەردە شىۋېتسيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىققا چاقىردى.


رادىئومىز 19 - چېسلادىكى خەۋىرىدە پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان مەرھابا دىلمۇرات ۋە تۇغلۇق ھىمىت قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇرنىڭ شۋېتسىيىدىن جىددىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەرھابا دىلمۇرات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولسا، تۇغلۇق ھىمىت 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل نامايىشىغا قاتناشقان ئىكەن.

باياناتتا نەقىل قىلىشىچە، «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» نىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە مۇساپىرلارنى قوغداشنى ئەسكە سالىدىغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېگەن: مەن شىۋېتسيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي بۇرچ نۇقتىسىدىن مەرھابا دىلمۇرات ۋە تۇغلۇق ھىمىتنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۋېتسىيىدە يەنە پاناھلىق مەسىلىسى ھەل بولمىغان مەلۇم ساندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار بار بولۇپ، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 2012 - يىلى يانۋاردا ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان ئىكەن.