ئامېرىكا ۋە كانادادىكى 8 شەھەردە خوڭكوڭلۇق دېموكراتچى زات سى تۇخۇانى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ۋە كانادادىكى 8 شەھەردە خوڭكوڭلۇق دېموكراتچى زات سى تۇخۇانىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر زات ئۆتكەن ئايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن ۋاڭ دەن قاتارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنغان، ئەمما ئىلتىماس جاۋابسىز قالغان ئىدى.

سى تۇخۇا، 1989 ‏-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھەر يىلى 4 ‏-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا باستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇ يەنە ئۆركەش دۆلەت قاتارلىق ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىنىڭ خىتايدىن ئامان-ئېسەن قېچىپ چىقىشىغىمۇ ياردەم قىلغۇچىلاردىندۇر.

شۇڭا بۇ قېتىم ئامېرىكا ۋە كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن سى تۇخۇانى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە چەتئەلدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى كەڭ كۆلەمدە قاتناشقان. خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى مىسىردا دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلغان.

بەزى خىتاي مىللەتچىلىرى تور بەتلەردە پىكىر بايان قىلىپ، مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتىنى نازۇك ۋەزىيەتتىكى قۇتراتقۇلۇق دەپ ئەيىبلىگەن.