كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارار سىچۈەننىڭ ئابا ۋىلايىتىدە يەرلىك تىبەتلەر بىلەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.
سىچۈەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى تۈنۈگۈن ساياھەت شىركەتلىرىگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، چەتئەللىكلەرنىڭ گەنزى ۋە ئابا ۋىلايىتىنىڭ بەزى ناھىيىلىرىگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ۋە بۇ رايونلاردىكى چەتئەللىكلەرنىڭ دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئابادىكى يەرلىك تىبەت ئاھالىسى مەزكۇر ۋىلايەتتىكى كىرتى ئىبادەتخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تىبەت راھىبلىرىنى«تەلىم تەربىيە» پروگراممىسىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرماقچى بولغانلىقىغا قارشى چىققان.
بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان ئىدى. مەزكۇر پروگراممىدا راھىبلارنىڭ دالاي لامانى تەنقىد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.
بۇنىڭغا نارازى بولغان راھىبلاردىن بىر كىشى ئۆتكەن ئاي ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبادەتخانىدىكى راھىبلار «تەلىم تەربىيە» پروگراممىسىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئامانلىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، راھىبلارنى مەجبۇرىي قاتناشتۇرماقچى بولغان. بىراق تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تىبەت راھىبلىرىنى ۋە يەرلىك تىبەت ئاھالىسىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان ئىدى.