دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنى سوت ئېچىپ، سىچۈەننىڭ كىرتى موناستىرىدىكى 46 ياشلىق تىبەت راھىبى دروڭدرونى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 11 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
راھىب دروپڭدرۇ بۇ يىل 16-مارت كۈنى سىچۈەندىكى كىرتى موناستىرىدىكى ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان تىبەت راھىبى پخونتسوگنىڭ تاغىسى بولۇپ، خىتاي سوت مەھكىمىسى دروپڭدرۇنى جىيەنى پخونتسوگ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغاندىن كېيىن، «قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىپ، ياش راھىبنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋېلىشىغا ياردەملەشكەن، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقان» دەپ ئەيىبلەنگەن.
چەتئەللەردىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سوتنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىگە قارشى قوللانغان يېڭى تەدبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نارازى بولغان تىبەت راھىبلىرىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەلىرى بارغانچە كۆپەيگەن ئىدى.