خىتاي بۈگۈن ئۈرۈمچىدە يىڭنە سانجىدى، دەپ قولغا ئالغان ياش ئۇيغۇرلارغا جازا ھۆكۈم قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە، يىڭنە سانجىپ ھۇجۇم قىلدى، دەپ قولغا ئالغا ئۇيغۇرلارغا جازا ھۆكۈم قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي قوراللىق قىسىملىرى 'يىڭنە سانجىدى' دەپ قولغا ئالغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرغا،بۈگۈن 9‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى 'ساختا زەھەرلىك ماددا ئىشلەتكەن' دېگەن جىنايى نام بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن جازا ھۆكۈم قىلغان بۇ ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىرى ئەر، ئىسمى ئىرپان ئىلھام، يېشى 19 ياش. 10 يىلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يەنە بىرى ئايال، ئىسمى ئاماننىساگۇل، يېشى 22 ياش.

ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شىتاتىدا تۇرۇشلۇق فېزىكاشۇناس، يازغۇچى جۇ شۆيۇەن ئۆزىنىڭ تور گېزىتىدا بۇ ھەقتە 'ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەنمىگەن ھالدا، پەقەت غەزەپكە چىدىماي بىر نەچچە يۈز خىتايغا يىڭنە سانجىۋەتسە )تەكشۈرۈلىشىچە، ئۇلار قوللانغان يىڭنىدە زەھەرمۇ ياكى باكتىرىيىمۇ يوق ئىكەن(، مۇشۇنچىلىك ئىشقا خىتايلار ئونمىڭلاپ پىتىراپ كەتسە، شۇنچە چوڭ شىنجاڭ بىراقلا پالاج ھالغا چۈشۈپ قالسا، بۇ قانداق مەسىلە؟ بۇ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ناچارلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى دېگەندەك باشقا مىللەت مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىشنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان خۇجىنتاۋ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇنىڭدىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھازىر قانچىلىك چەكلىك 'سىياسىي ئوزونوسفېرا' ئىچىدە ھايات - ماماتلىق ئۈچۈن تېپىرلاۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز ' دەپ ئوبزور ئېلان قىلدى.