رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ ياڭ گۇاڭجۇدا قىلغان سۆزىدە يەنە، "بىز ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىشىمىز كېرەك، جۇڭگو دېگەن كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت. ئەگەر بۇنىڭغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىسە مەسىلە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن " دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى تا ھازىرغىچە ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دەپ بۇنى چەتئەللەردىكى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەر چىقارغان دېگەننى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما ۋاڭ ياڭنىڭ بۇ سۆزى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايدا مىللىي مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە پىكىر ئىختىلاپى بارلىقىنىمۇ كۆرسەتمەكتە.