ئۇيغۇر رايونىدا كادىرلارنىڭ چوڭ ۋەقەلەردە مەيدانى ئېنىق بولۇش تەلەپ قىلىندى

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7 - نۆۋەتلىك 5 ‏ - ئومۇمى يىغىنى 25 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شىنجاڭ خەۋەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىندا، كادىرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش جەريانىدىكى سىياسىي ئىنتىزامىنى قاتتىق نازارەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

يىغىندا يەنە، كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانى قەتئىي بولۇشى، سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئۈستۈن بولۇشى تەكىتلىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ چوڭ ۋەقەلەردە، ھالقىلىق پەيتلەردە سىناقتىن ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغان. ئورامىدىن قارىغاندا، چاقىرىقلارنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي كادىرلارغا قارىتىلغانلىقى مەلۇم.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا پاسسىپ پوزىتسىيە كۆرسەتكەنلىكى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى غەيرىي رەسمىي خەۋەر سۈپىتىدە جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بۇ نۇقتىدا پەقەت " قەتئىي چىڭ تۇرۇش"، "ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش" دېگەنگە ئوخشاش ئابستراكت شوئارلار تەكرارلانغان. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ مەنبەسى بولغان ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك، مىللىي كەمسىتىش ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىلىرى ھەققىدە ھېچ توختالمىغان.