ھەر 10 خىتاي پۇقراسىدىن 8 ‏كىشى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللىدى

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ 10 چوڭ شەھىرىدە خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىلىپ، راي سىناشقا قاتناشقان پۇقرالارنىڭ 81 % ئى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قوللىغان.

بۇ خىتايدىكى ھەر 10 كىشىدىن 8 كىشىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتنى قوللايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. راي سىناش نەتىجىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىشى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا پارتىيە ئىچىدىكى لىبېرال كۈچلەرنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى كۈچىيىشكە باشلىغان. يېقىندا سابىق كومپارتىيە باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ئوغلى خۇ دېپىڭ، كومپارتىيە دائىرىلىرىنى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئاشكارا چاقىرغان ئىدى.

بىراق، كومپارتىيە 18‏-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى سەي مىڭجاۋ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوقۇم جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشى، كومپارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەۋرەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، جۇڭگو، پارتىيە ۋە خەلق ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاچقان توغرا يولدا تەۋرەنمەي ماڭىدۇ دېگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سەي مىڭجاۋ «پارتىيە ئىچى دېموكراتىيە» نى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كومپارتىيىنىڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى بوشاشتۇرىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوقكەن.