گۆرىگە ئېلىنغان ئامېرىكا يۈك پاراخوتى كاپىتانى قۇتۇلدۇرۇلدى

3 نەپەر سومالى دېڭىز قاراقچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، گۆرىگە ئېلىنغان ئامېرىكا يۈك پاراخوتى كاپىتانى دۈشەنبە كۈنى قۇتۇلدۇرۇلدى.

ئالدىنقى ھەپتە سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى ھىندى ئوكياندا ئافرىقىغا ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئامېرىكىنىڭ بىر يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە مەزكۇر پاراخوتنىڭ كاپىتانى رىچارد ئۆزىنى گۆرىگە قويۇش بەدىلىگە ئۆز ماتروسلىرىنى قۇتۇلدۇرغان ئىدى.

قاراقچىلار 5 كۈندىن بۇيان كاپىتان فىللىپسنى قۇتقۇزۇش كېمىسىگە سېلىپ دېڭىزدا ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تىركەشكەن بولۇپ، نەتىجىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى مەرگەنلىرى، قاراقچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ كاپىتان فىللىپسنى قۇتۇلدۇرغان.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزۇش كېمىسىدە 4 نەپەر دېڭىز قاراقچىسى بار بولۇپ، ئۇلار كاپىتان فىللىپسقا ئاپتومات تەڭلەپ ھاياتىغا تەھدىت سالغان پەيتتە، ئامېرىكا گېنېرالى دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئېتىش قارارى ئالغان. نەتىجىدە 3 نەپەر قاراقچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر نەپىرى تەسلىم بولغان.