دېڭىز قاراقچىلىرى بۇ قېتىم ھىندى ئوكيانغا سومالى قىرغاقلىرىدىن 1300 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر.
سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرى ئۆكتەبىرنىڭ 19 - كۈنى خىتايغا تەۋە بىر يۈك پاراخوتىنى بۇلىغان، 26 نەپەر خىتاينى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى.
خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ئۆتكەن ئايدا مەزكۇر تەۋەلىككە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئەكسىچە دېڭىز قاراقچىلىرى خىتايغا تەھدىت ئىشلىتىپ، ئەگەر خىتاي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىسا، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يېقىنقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي قۇتقۇزۇش ئەترىتى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي سومالىدىكى دىنىي زاتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن سودىلىشىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.