ياپونىيەمۇ سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئەۋەتمەكچى

ياپونىيە باش مىنىستىرى تارى ئاسو بۈگۈن 'ياپونىيەمۇ سومالىغا دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ' دېدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ كونسېرۋاتىپ رەھبىرى تارو ئاسو شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىساد سۆھبىتىدە قىلغان سۆزىدە 'بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيەمۇ خەلقئارادا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەڭ كېچىككەندە كېلەر ئايدا، سومالىغا دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ياپونىيە قوغداش ئەترىتىنىڭ دېڭىز قىسىملىرىنى ئەۋەتىدۇ' دېدى.

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي تۇنجى قېتىم ئۆز تېرىتورىيىسىدىن يىراققا بېرىپ جەڭ قىلىش ئۈچۈن سومالىغا ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى.