ۋېيتنام پاراسىل ئاراللىرىدا خىتاينىڭ نېفىت قېزىشقا خېرىدار چاقىرغانلىقىنى قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ جاكارلىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خانۇيدىن بايان قىلىشىچە، ۋېيتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليوڭتاگى بۈگۈنكى پاراسىل، سپراتىل ئاراللىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ دېڭىز - ئوكيانلاردا نېفىت قېدىرىش شىركىتى ۋېيتنامنىڭ 200 دېڭىز چاقىرىمىلىق ئىقتىسادى رايونى دائىرىسىدىكى 9 جايدا تەبىئىي گاز ئېچىش ئۈچۈن چەتئەللەردىن خېرىدار چاقىرىشقا باشلىغانلىقى قانۇنسىز ھەرىكەت، دەرھال بۇ جايلاردىن چېكىنىشى كېرەك دەپ جاكارلىدى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈنكى باياناتىدا، خىتاينىڭ 6 بېلىقچى پاراخوتى ۋە 17 قۇتقۇزۇش كېمىسى فىلىپپىنىڭ ئىقتىسادى رايونى بولغان سكاربورو ئاراللىرىغا كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.