خىتاي ئامېرىكىنى سپراتىل ئارىلىدىكى تېررىتورىيە ماجىراسىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان تېررىتورىيە تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىردى.

خىتاي نەنشا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتاۋاتقان سپراتىل ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋيېتنام، تەيۋەن، مالايشىيا، فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە برونې قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىدۇر.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى تەرەپلەر ئارىسىدا مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش قايتا ئەۋج ئېلىش بىلەن ئامېرىكا زۆرۈر تېپىلسا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن ئىدى.

خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا ئەگەر دېڭىز تەۋەلىكى تالاش-تارتىشىغا ئامېرىكا ئارىلاشسا، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى سپراتىل ئاراللىرى مەسىلىسىدىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇشقا چاقىردى.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، 1951 - ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىن ئارمىيىسى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا فىلىپپىن ئارمىيىسىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكىنىڭ مانىلادىكى باش ئەلچىسى ئالان ھولست، ئامېرىكىنىڭ خىيالىي ۋەقەلەر ئۈچۈن ئالدىراپ پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئۇ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىرىدىن بولغان فىلىپپىن بىلەن ئوتتۇرىلىرىدا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق ئەھدىنامىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.