ستوكھولىمدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

يەكشەنبە كۈنى شۋېتسىيىنىڭ ستوكھولم شەھىرىنىڭ مەركىزىي كوچىلىرىنىڭ بىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئادەملەر زىچ جايلاشقان جايدا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قېتىم پارتلاش بولغان بولۇپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، ئىككى ئادەم يارىلانغان.

ستوكھولم ساقچى دائىرىلىرى بۇ پارتلاشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماشىنىدا يۈزبەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق پارتلاشنىڭ كۈچى ئانچە چوڭ بولمىغان، ئەمما ئىككىنچى قېتىملىقىنىڭ كۈچى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، سىتوكھولم ساقچىلىرىنى بۇنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

روزدېستۋو بايرىمى يېتىپ كېلىشكە ئاز قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە سىتوكھولمدا يۈزبەرگەن مەزكۇر پارتلاشنىڭ تېررورلۇق خاراكتېرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. گەرچە سىتوكھولمدىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كۆلىمى زور بولمىسىمۇ، بىراق بۇنىڭ، كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى غۇلغۇلىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى يېزىلماقتا.

بىراق، شۋېتسىيە ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنى تەپسىلىي ئېنىقلىماي تۇرۇپ، بۇ ئىش ھەققىدە يەكۈن چىقىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.