ئۈرۈمچىدە سۇ ئامبىرى يېرىلىپ كېتىپ بىر ئادەم ئۆلگەن

شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ليەنفېڭ سۇ ئامبىرى يېرىلىپ كېتىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان.


بۇ سۇ ئامبىرى ئۈرۈمچىدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كازىۋەن يېزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇ تېشىش شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە باشلانغان.

سۇ تېشىپ ئامابار يېنىدىكى بىر مەھەللىگە بېسىپ كىرگەن، بىر ئادەم ئۆلگەن، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئاپەت ئەھۋالى تولۇق بېرىلمىدى. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم ئەمەس.