يېقىندىن بۇيان ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ خىتايلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان ۋەقەلەر پەيدا بولغان ئىدى.
سۇدان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېفوپىيىدىكى باش ئەلچىسى شېشاۋيەن دۈشەنبە كۈنى 29 نەپەر خىتاينى تۇتقۇن قىلغان سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلات بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
2011-يىلى 6-ئايدىن بۇيان سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى كاۋدوۋان رايونىدا سۇدان ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بۇ تەشكىلات خىتايغا شەرت قويۇپ، ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سۇدان ھۆكۈمىتىنى نېفىت ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا كۆندۈرسە، شۇنداقلا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۇداندا ئۇرۇش بولۇۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلسا، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.