بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانگاي سۆزىدە يەنە، پەقەت ئىقتىساد ۋە ئارمىيىگە تايىنىپلا چوڭ دۆلەت بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ يېڭى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز خەلقىگە بولغان ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەلىم ئالغان سانگاي بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا 55 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، مەزكۇر سايلام ۋە يېڭى باش مىنىستىر ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتقان.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتاينى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان قانۇنسىز بىر ئورگان، دېگەن.