سۈرگۈندىكى تىبەتلەر سايلام ئۆتكۈزدى

20- مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىبەتلىكلەر تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش سايلىمى ئۈچۈن 56 سايلام پونكىتىغا بېرىپ، بېلەت تاشلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلام تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سىياسەتتىن ئايرىلىپ، تىبەتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇش ئارزۇسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى تىبەت پارلامېنتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزگەن.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 86 مىڭ ئادەم بېلەت تاشلاشقا تىزىملىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 مىڭ ئادەم دارىمسالاغا جايلاشقان.

سايلامنىڭ نەتىجىسى 27-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن نېپال ھۆكۈمىتى ئۇ يەردىكى 20 مىڭ تىبەتلىكنىڭ بۇ سايلامغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، نەتىجىدە نېپالدا سايلام بولمىغان.

نۆۋەتتە، چەتئەللەردە 150 مىڭ تىبەتلىكنىڭ ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم. دالاي لاما 10-مارت كۈنى ئۆزىنىڭ سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
17-مارتتىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالار دالاي لامانىڭ سىياسەتتىن چېكىنىشىگە قارشى چىققان ئىدى.