سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى دۇنيانى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

بۈگۈن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

باياناتتا، ھازىرغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 51 نەپەر تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغانلىقى، تىبەتنىڭ ھازىر ھەربىي تۈزۈم ئاستىدا ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقى، چەتئەللىك ساياھەتچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ رايونغا كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق قول ۋاسىتىلەر بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتكەنچە، تىبەتلەرنىڭ شىددەت يولى ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈش ھادىسىلىرى ئارتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار.

تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە ھەتتا ئاۋسترالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن بۇ پاجىئەنى توختىتىشىنى ۋە تىبەت خەلقى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۈگۈن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلدى.