سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەيىنلەنگۈسى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلاشماقتا

دارىمسالادىكى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بۈگۈن بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ھەيئەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگۈسى رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتى مەزكۇر تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. مۇزاكىرىدە تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىدە خىتاي تەرەپ بىلەن نېمىلەرنى سۆزلىشىش، قانداق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قارار قىلىنىدۇ.

خىتاي بىلەن دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي-تىبەت سۆھبىتى دالاي لاما ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ تىبەت ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىدى.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىدا، نۆۋەتتە تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكەتلىرى، تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەشنىڭ ھېچقانداق يولى قالمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسىتىلگەن. باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ تىبەت خەلقىنى بويسۇندۇرالمايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.

تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىمنىڭ يېقىندا خىتاينى تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان سۆزىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي تەرەپنىمۇ مەزكۇر چاقىرىققا قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلغان.