بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئاساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىنى توختىتىشىنى چاقىرغان. يىغىندا ئۆكتىچىلەرگە ياردەم كۆرسىتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ھەربىي ياردەملەر مەسىلىنىسىمۇ تىلغا ئالغان. يىغىن يەنە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاساد ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالىدىغان بىرلىككە كەلگەن بىر دېموكراتىك تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشىشىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كلىنتون خادىم ئاسادنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتىشى، ئەگەردە ئۇنداق قىلمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە يەنە 12 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يىغىندا يەنە ئۆتكىچىلەرگە قورال - ياراق ياردىمى بەرگەندە سۈرىيىنىڭ تېخىمۇ زور ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا پېتىپ قېلىشى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
