سۈرىيىدىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش خىزمەتلىرى توختىتىلدى

سۈرىيىدە ئۆتكەن ئون كۈندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىقلار تۈپەيلى ب د ت سۈرىيىدىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش خىزمەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى روبېرت مۇد: كۆزەتكۈچىلەر چارلاشنى ھازىرچە توختىتىپ، باشقا ئۇقتۇرۇش كەلگۈچە جايدىن مىدىرلىمايدۇ، دېدى.

ئانناننىڭ 12 - ئاپىرىلدىكى تىنچلىق پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ب د ت سۈرىيىگە 300 نەپەر قورالسىز كۆزەتكۈچى كىرگۈزگەن ئىدى.

روبېرت مۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، كۆزەتكۈچىلەر بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلار تۈپەيلى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ۋە سۈرىيىدە ئۇرۇش توختىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.

سۈرىيىدە ئانناننىڭ تىنچلىق كېلىشىمنى يولغا قويۇلغان ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ھۇلا شەھىرىدە قىرغىنچىلىق يۇ بېرىپ نۇرغۇن كىچىك بالا ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ دۇنيا خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان ۋە كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى سۈرىيە ئەلچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدى.