سۈرىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتىنىڭ قاچقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

سۈرىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى فارۇق ئەل شارانىڭ ئۆكتىچىلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


شەنبە كۈنى دەمەشىقتىكى دۆلەت تېلېۋىزىيىسى شارا ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسى تارقاتقان بىر باياناتنى ئېلان قىلدى ۋە: شارا ئەپەندى سۈرىيىدىن ئايرىلىشنى ئويلاپمۇ كۆرگىنى يوق، دەپ كۆرسەتتى.

فارۇق ئەل شارا سۈرىيىدىكى سۈننىي مەزھىپىدىن بولغان سارىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق سىياسىيونلارنىڭ بىر بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن 30 يىلدىن بېرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلماقتا ئىدى.

بۇ يىل مارتتا سۈرىيىدىن قېچىپ چىققان سۈرىيىنىڭ سابىق نېفىت مىنىستىرى ئابدو ھىسامىدىن ئەرەب تېلېۋىزىيىسىگە قىلغا سۆزىدە شارا ئەپەندىنىڭ ئەمەلىيەتتە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيە باش مىنىستىرى ئۆكتىچىلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.