سۈرىيە پايتەختى دەمەشق يېنىدا كۆپ ساندا ئادەم ئۆلتۈرۈلدى

سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت دەمەشق يېنىدىكى دارايادا 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ ئاۋام پۇقرانى قىرغىن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ بۇ جايدىكى «قالدۇق تېررورچىلارنى يوقاتقانلىقى» نى مەلۇم قىلغان.


ھۆكۈمەت تەرەپ خەۋەرلىرىدە ئىسيانچىلار تېررورچىلار دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ھازىر سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارىلىشىۋاتقانلىقى ۋە نۆۋەتتە تېلېفون ئالاقە ھەم باشقا ئۇچۇر يوللىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

نۆۋەتتە، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر بەشىر ئەسەدنى ئىستىپا بېرىشكە ئىزچىل چاقىرماقتا. ئەمما ئەسەد داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، شەنبە كۈنى بىر ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى دەمەشقنى زىيارەت قىلغان.