سۈرىيە ئاخباراتى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى قورالنىڭ تۈركىيىدىن كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

سۈرىيە ئاخباراتى بۈگۈن، ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىن يىغىۋېلىنغان 156 دانە تاپانچا، مىلتىق ۋە گراناتئاتار قاتارلىق قوراللارنىڭ تۈركىيىدىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيىدىكى بىرقىسىم ئۆكتىچىلەر، يېقىنقى ھەپتىلەردىن بېرى تىنچلىق يولىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە قوراللىق يول بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

سانا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى ئالدىنقى ھەپتە ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئوپېراتسىيىسى داۋامىدا ئولجا ئالغان قوراللارنىڭ تۈركىيىدىن ئەتكەس يول بىلەن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قوراللىق ئۆكتىچىلەر، ئالدىنقى كۈنى ھۆكۈمەت تەرەپدارى بىر دىنىي زات ئەھمەد بەدرىدىن ھاسساننىڭ 21 ياشلىق ئوغلىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دىنىي زات سۈرىيىدىكى نامايىشنى، چەتئەللىكلەر قوزغىدى دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۆكتىچىلەر بۇ ئارقىلىق بەشەر ئاسادنىڭ خەلق ئارىسىدىكى يانتاياقلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.

سۈرىيىدىكى نامايىشچىلار قوراللىق ھەرىكەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، سۈرىيىنىڭ ھەر ساھە ئۆكتىچى گۇرۇپپا ۋەكىللىرى ئىستانبۇلدا توپلىنىپ، سۈرىيە ئۆتكۈنچى مىللىي مەجلىسىنى تەسىس قىلدى.

ئالدىنقى كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بۇ مىللىي مەجلىستە مۇسۇلمان قېرىنداشلار قاتارلىق سۈرىيىدە چەكلەنگەن سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم خرىستىئان ۋە كۈرد گۇرۇپپىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.