سۈرىيىدە ھۆكۈمەت ئىستېپا بەردى

سۈرىيىدە ئىككى ھەپتىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنىڭ نەتىجىسىدە، بۈگۈن ھۆكۈمەت ئىستېپا بەردى. سۈرىيە دۆلەت باشلىقى بەشار ئەساد، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ 2003-يىلدىن باشلاپ باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ناجى ئىترىنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى؛ ناجى ئىترى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغا قەدەر ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرماقچى. خەۋەرلەردە، بۈگۈن بەشار ئەسادنىڭ بىر تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ ئۆزىنىڭ ئىسلاھات پىلانلىرىنى ئاشكارىلايدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

بەشار ئەساد مىسىردا نامايىش يۈز بېرىۋاتقان چاغدىلا ۋەقەدىن ساۋاق ئېلىپ سۈرىيىنىڭ پات يېقىندا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە سۈرىيىدە 48 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما، بەشارنىڭ بۇ ئىجابىي پوزىتسىيىسىدىن سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار قانائەت ھاسىل قىلمىدى. نەتىجىدە ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا جەنۇبتىكى دەرا شەھىرىدە نامايىش باشلاندى.

نامايىش ئۆتكەن ھەپتە باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش باشلانغاندىن بۇيانقى ھۆكۈمەتكە قارشى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپدارى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا 130دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر بەشار ئەسادنىڭ مىسىر ۋە لىۋىيە ۋەزىيىتىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرىگە تېز ۋە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇش ئېھتىماللىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.