ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيىدە داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى قانلىق باستۇرۇشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم بىر قىسىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى باستۇرۇشتا، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلاردىن 130 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ «بۇ ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان قانلىق قىرغىنچىلىق» دېگەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېگىل دۈشەنبە كۈنى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، «سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىللە خەلقئارانى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىغا نىسبەتەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى، زۆرۈر بولسا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۈرىيىدە بۇ يىل 3-ئايدا باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 4 ئايدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.