ئىسيانچى ھەربىيلەر سۈرىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسيان كۆتۈرگەن ھەربىيلەرنىڭ «سۈرىيە ئىنقىلابى باش شتاب» دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتى تۈنۈگۈن، سۈرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىق شەھىرىدىكى ھەربىي بازىغا راكېتا بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ، ھاۋا ئارمىيە ئاخبارات بىناسىنىڭ بىر قىسمىنى ۋەيران قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، سۈرىيىدە بىر ھەپتىدىن بۇيان يۈز بەرگەن بەشر ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىغان ئەڭ دادىل ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھازىر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيىدە ئىسيان كۆتۈرگەن ھەربىيلەرنىڭ تۈنۈگۈن راكېتا، پىلىموت قاتارلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ قوزغىغان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمى، دەل ئەرەب بىرلىكى ماراكەشتە يىغىن ئېچىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەل ئاساد نامايىش قىلغان خەلقنى باستۇرۇشقا باشلىغان سەككىز ئايدىن بېرى ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولغان ۋە ھازىر سۈرىيىدىكى ئادەم ئۆلۈشكە ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭلار سەۋەبچى بولدى دەپ سەۋەب كۆرسىتىۋاتقان ئىدى.