فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاھىرە يىغىنىدا يېڭىدىن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن ب د ت سۈرىيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە ئۆمىكى قۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرىكى ھېچقانداق نەتىجە قازىنالمىغان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ئەرەب ئىتتىپاقى ئىئوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى سۈرىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەل - قائىدە تەشكىلاتى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ بىر قاتار جىددىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن شەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيىگە جازا قوللىنىش قارار لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى چىققاندىن كېيىن كېلىپ چىققان.
يەكشەنبە كۈنىدىكى قاھىرە جىددىي يىغىنىدا ئەرەب دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە يېڭى بىر قارار لايىھىسىنى ب د ت غا سۇنۇش مەسىلىسى شۇنىڭدەك يەنە سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.