ئامېرىكا ھازىر سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى تەكلىپ قارار لايىھىلەۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىر سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە بىر يېڭى تەكلىپ قارار لايىھىلەۋاتىدۇ.

بۇ تەكلىپ قاراردا، سۈرىيىدە نامايىش قىلغانلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم، ھەرگىز توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەگەر ب د ت دا بۇ تەكلىپ قارارغا ئاۋاز بېرىلسە، بۇ، سۈرىيىدە ئون بىر ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان كرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۈچىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۇپپە، ب د ت دا ئۈچىنچى قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بۇ تەكلىپ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنى، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك قارارنى ۋىتو قىلماسلىققا چاقىردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ ئەرەب بىرلىكىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاپ يوللىغان ئىككى تەكلىپ لايىھە رۇسىيە بىلەن خىتاي تەرىپىدىن ۋىتو قىلىنغان ئىدى.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكلىپ قارار ھازىر بېجىرىلىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ قېتىمقى تەكلىپ قارارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنىلا سۈرىيە كرىزىسىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن.