ئەمما رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپ يىغىنغا قاتناشمىغان. جازا لايىھىسى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان. لايىھىدە بەشار ئەساد ۋە ئائىلىسى شۇنداقلا يېقىن شېرىكلىرىگە قارىتا جازا تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە لايىھىنىڭ دەرھال ئاۋازغا قويۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.
سۈرىيىدە دېموكراتىك ھەرىكەتلەر باشلانغاندىن بۇيان بەشار ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ 2200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.
شۇڭا غەرب دۆلەتلىرى بەشەر ئەسادنى جازالاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. ئەمما خىتاي ۋە رۇسىيە لىۋىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ناتو قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ب د ت نىڭ رۇخسەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى دەپ نارازى بولغان ۋە سۈرىيە ئۈچۈن تەستىقلانغان بىر جازا قارارىنىڭمۇ لىۋىيىگە ئوخشاش نەتىجە بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ب د ت نىڭ تۈنۈگۈن ئورۇنلاشتۇرغىنى غەيرىي رەسمىي بىر يىغىن بولۇپ، بۇ پەقەت رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ رايىنى سىناش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي ۋە رۇسىيىنى مەزكۇر قارارغا بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ب د ت دا دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر قويۇقلىشىشى مۇمكىن.