بۈگۈنگىچە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەن رۇسىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بۇنداق سۆز قىلىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. ئەمما رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رۇسىيىنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەيدىكەن. رۇسىيە ھېلىھەم ئەسەدنى قوللايدىكەن. ئەمما بۇ پەقەت رۇسىيىنىڭ ئەمەلىيەتنى تۇنجى قېتىم ئاغزىدا ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى رۇس ئەمەلدار سۆزىدە، بۇندىن كېيىن سۈرىيىدە ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، ئىككى تەرەپنى سۈلھىگە چاقىرغان شۇنداقلا بىر رەھبەرنى يىقىتىش ئۈچۈن بۇنچىۋالا جىق قان تۆكۈشنىڭ بىھۇدىلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىلىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرگەن.
تۈنۈگۈن سۈرىيىگە دوست دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ماراكەشتە چاقىرىلغان يىغىن ئاخىرىدا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت سۈرىيىدىكى ئىنقىلاب ۋە ئۆكتىچى كۈچلەر بىرلىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىمۇ بار.