سۈرىيىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش داۋاملىشىۋاتىدۇ

سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدا ئىئوردانىيىگە يېقىن جايدىكى داررا شەھىرىدە، ئۈچ كۈندىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك نامايىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

مالىيە گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى 300 مىڭ نوپۇسى بار بۇ شەھەرنىڭ مىڭلىغان ئاھالىسى بىر مەسچىتنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ، بۇ دۆلەتتە 48 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جۈمە كۈنى سۈرىيە قىسىملىرى بىر نامايىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار قوشۇنى ئۇلغايغان. شەنبە كۈنى تېخىمۇ غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىدىن بىر نەچچىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. سۈرىيە قىسىملىرى يارىلاندۇرغان نامايىشچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان. بۇ شەھەردىكى مەسچىتلەر يارىدارلارنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا ئايلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەكشەنبە نامايىشچىلار جەسەت كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان، نامايىشچىلارنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئاشقان. نامايىشتا سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىش، ئەركىنلىكنى كېڭەيتىش، ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق شوئارلار توۋلانغان. نامايىشچىلار بىلەن سۈرىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن.