دارادىكى نامايىشلار بىر قانچە ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملاشماقتا ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈرىيىنىڭ سۇۋېيدا شەھىرىدىمۇ نامايىش بولۇپ، نامايىش ئاخىرى توقۇنۇشقا ئايلانغان. «ئاۋسترالىيىلىكلەر» گېزىتىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پايتەخت دەمەشقتىن 130 كىلومېتىر نېرىدىكى سۇۋېيدا شەھىرىدىكى 300 دىن ئارتۇق نامايىشچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان بولۇپ، مەلۇم ساندا كىشى يارىلانغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى پرېزىدېنت بەشىر ئاسساد مەملىكەتتە 48 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىپ، كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نامايىشلارنىڭ ھەممىسى سۈرىيىدىكى ئاسادنىڭ بىر پارتىيىلىك ھەم ھاكىممۇتلەقلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بەشىر ئاساد كېلەر بىر ھەپتە ئىچىدە جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىر ئايغا داۋاملاشقان سۈرىيىدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.