ئۇ سۆزىدە سۈرىيە پرېزىدېنتى باشەر ئاسسادنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك خىتابلىرىغا قۇلاق سالماي، ئەكسىچە باستۇرۇش يولى تۇتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما ئاسسادنىڭ ئىراننى سۈرىيە پۇقرالىرىنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇشقا ياردەملىشىشكە چاقىرغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
جۈمە كۈنى سۈرىيىدە يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەرنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشىغا نىسبەتەن ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمونمۇ ئاۋاز قوشۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
جۈمە كۈنىدىكى باستۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار بار. رۇسىيىنىڭ نېۋسرۇ ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ 18 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۆكتىچىلەر 70 تىن 112 غىچە ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەنە شەنبە كۈنىمۇ جىنازا نامىزى پائالىيىتىگە قاتناشقانلارغا ئوق چىقىرىلىپ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا نامايىش يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.