سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر دۇنيانى رۇسىيىگە قارشى نامايىشقا چاقىردى
2012.06.12
دۈشەنبە كۈنى ئاخشام ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆكتىچىلەر سۈرىيە خەلقىگە دوست بارلىق دۆلەتلەرنى بىرلا پەيتتە يەنى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى رۇسىيە ئەلچىلىكلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان. باياناتتا رۇسىيە بەشەر ئەسەدنىڭ قاتىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە قوغداش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بۈگۈن سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر مەركەزلەشكەن خاففە شەھىرى ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان. ب د ت ۋە سۈرىيە خەلقىگە دوست دۆلەتلەر خاففەدە يېڭى بىر قىرغىنچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچى ھەيئىتى ئەھۋال تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھاففەگە كېتىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان. قايتا يولىدا ئۇلار ئولتۇرغان ماشىنىغا ئوق چىقىرىلغان. ب د ت تىنچلىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى بۈگۈن نيۇيوركتا قىلغان سۆزىدە سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ خاففەدىن قايتىۋاتقان ب د ت ھەيئىتىگە قەستەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
سۈرىيىدىكى بۇ توقۇنۇشلارنىڭ «ئىچكى ئۇرۇش» قا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى سۈرىيىنىڭ دەرھال تىنچىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى جىددىيلەشتۈرمەكتە. ئالاھىدە ئەلچى كوفى ئاننانىڭ خاففادىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان. ئەمما مەسىلىدىكى ئاچقۇچلۇق دۆلەت رۇسىيە بولسا يەنە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا.