سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە غەرب ئەللىرى ئەسەدنىڭ «تىنچلىق پىلانى» نى رەت قىلدى
2013.01.07
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند ئەسەدنىڭ پىلانىنى «رېئاللىقتىن ھالقىغان» دەپ كۆرسەتتى. ئەنگلىيە ئۇنىڭ تىنچلىق پىلانىنىڭ «قۇرۇق ۋەدىلەر» بىلەن تولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. فرانسىيە بولسا ئەسەدنىڭ «سۈرىيە خەلقىگە سالغان زۇلۇمنى ئاقلاشقا» ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى كەتېرىن ئاشتون خانىم ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانى ئىزچىل ئىكەنلىكى، ئەسەد ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆتكۈنچى دەۋرگە يول ئېچىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەت مۇرسى، ئامېرىكا چنن تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا سوتنىڭ ئەسەدنى ئۇرۇش جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىشىنى قوللىغان. سۈرىيە مەملىكەتلىك ئۆكتىچى كۈچلەر بىرلەشمىسى ئەسەدنىڭ دىئالوگنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي، تەرەپلەرنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئۆتكۈنچى ئورگان قۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشلاشقا چاقىرغان. پەقەت ئىران ئەسەدنىڭ تىنچلىق پىلانىنى قوللىغان بىردىن-بىر دۆلەت. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىخى بايانات ئېلان قىلىپ: ئىسلام جۇمھۇرىيىتى.... پرېزىدېنت باشىر ئەل-ئەسەدنىڭ كرىزىسنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوللايدۇ، دېگەن.