ئۆكتىچىلەر شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنى سۈرىيە خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى دەپ ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشىنى ۋە بەشار ئاساد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكىتىنى دەستەكلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئالدىنقى كۈنى تۈركىيە تۇنجى بولۇپ، مەزكۇر مىللىي مەجلىسىنى سۈرىيە خەلقىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
تۈنۈگۈن فرانسىيە، بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆكتىچىلەرنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىلىرىدىن مارك تونەر بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، ئۆكتىچىلەرنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئەمدى ئۇلارنىڭ سۈرىيىنىڭ ئىچىدە ئۆز قۇدرىتىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تونەر يەنە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە بېرىۋاتقان ئىنسانىي ياردىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بۈگۈن سۈرىيە ئىنقىلابىي مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇئاز خاتىپ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ پىلان ۋە پروگراممىلىرى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان؛ ئۇمۇ سۈرىيە مىللىي مەجلىسىنى تونۇيدىغانلىقىنى پات يېقىندا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ رۇسىيە بولسا، مەزكۇر مەجلىسنىڭ سۈرىيىدە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.