پارىژدا سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى

بۈگۈن پارىژدا «سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ ھۆكۈمەتنى سۈرىيىدە 1963-يىلى ئەسەد ئائىلىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشتىن ئاۋۋال باش مىنىستىر بولغان مائاروفنىڭ ھازىر چەتئەلدە ياشايدىغان ئوغلى نوفال قۇرغان.

ئۇ بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيىدىكى ۋەزىيەت بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرىيىدىكى باشقا ئۆكتىچى تەشكىلاتلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.

بۈگۈن يەنە، سۈرىيە دائىرىلىرى ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۆزىتىش ئۈچۈن 100 كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشىگە ماقۇل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ سۈرىيىگە ئەۋەتىلىشى پىلان قىلىنغان 300 كىشىلىك كۆزەتكۈچىنىڭ بىر قىسمى.

سۈرىيە دائىرىلىرى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى كېلىشىمگە ئەمەل قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. پەيشەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ خاما شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، يەنە 16 كىشى ئۆلدى. سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ۋەقەدە قوراللىق ئىسيانچىلارنى ئەيىبلىدى. ئەمما ئۆكتىچىلەر بولسا بۇنى رەت قىلىپ، پارتلاشنى ئەسەد كۈچلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.