سۈرىيىدىكى توقۇنۇشتا 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

يەكشەنبە كۈنى سۈرىيىدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى ئاساسىي قانۇنغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى جەريانىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئىلگىرى كېيىن 31 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر بۇ يېڭى ئاساسىي قانۇن ماددىسىغا بېلەت تاشلاشقا قارشى تۇرغان. ھومس قاتارلىق جايلاردا توقۇنۇش يۈزبېرىپ، ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنى توپقا تۇتۇپ، ئاز دېگەندە 9 پۇقرا ئۆلگەن ھەمدە ئۆكتىچىلەرمۇ 4 نەپەر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن.

ئاساسىي قانۇنغا بېلەت تاشلاش دەمەشق قاتارلىق جايلاردىكى ئاسادنىڭ قوللىغۇچىلىرى ياكى مەجبۇر بولغانلار ۋە ياكى ئۇنى خالىغانلار تەرىپىدىن داۋاملاشقان. يېڭى ئاساس قانۇن ئۈچۈن بېلەت تاشلاش بېشىر ئاساد تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۆكتىچىلەر ئۇنىڭ شەرتسىز ھوقۇقتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.