سۈرىيە تۈركىيە چېگراسى تەرەپلەردىكى قوشۇنلىرىنى كۆپەيتتى

سۈرىيىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ لىۋان ۋە تۈركىيىگە قېچىپ ئۆتۈپ كېتىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە شۇنىڭدەك يەنە سۈرىيە تۈركىيە بىلەن چېگرا نۇقتىلاردىكى قوشۇنلىرىنى كۆپەيتكەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى بىر قانچە مىڭ نەپەر سۈرىيىلىك سۈرىيە-لىۋان چېگراسىدىن ئۆتۈپ لىۋان تەرەپكە كەتكەن،
سۈرىيىنىڭ تۈركىيە بىلەن چېگرىداش كىسار بازىرىدا جۈمە كۈنى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ جايغا ھەربىي قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن.

ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 12 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيىلىك تۈركىيە تەۋەسىگە قېچىپ ئۆتكەن بولۇپ، سۈرىيە تەرەپ تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردىكى قوشۇنلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇ رايوندىكى قارشىلىقلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۈركىيە تەرەپكە قېچىپ كېتىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرىيە قوشۇنلىرى تۈركىيە چېگراسىغا 2 كىلومېتىر كېلىدىغان بادام يېزىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نارازىلىق كۆرسەتكەنلەرنى بېسىقتۇرغان ئىدى.