ئامېرىكا تۈركىيە سۈرىيە قارىتا ئالغان ھەربىي ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 5 - ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا تۈركىيە سۈرىيە قارىتا ئالغان ھەربىي ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-10-06
Share


ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: بىز تۈركىيە قوللىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايمىز. چۈنكى بىز تۈركىيىنىڭ تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىنكاسى جۈمە كۈنى تۈركىيە سۈرىيىدىكى ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىشىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان بىر مەھەللىسىگە سۈرىيە تەرەپ ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقى چۈشۈپ بەش ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.

سۈرىيە تەرەپ جۈمە كۈنى تۈركىيە چېگراسىغا يەنە سنارەت ئاتقان. نەتىجىدە تۈركىيە سۈرىيىدىكى بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرغان.

ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت