ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: بىز تۈركىيە قوللىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايمىز. چۈنكى بىز تۈركىيىنىڭ تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز، دېدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىنكاسى جۈمە كۈنى تۈركىيە سۈرىيىدىكى ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىشىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان بىر مەھەللىسىگە سۈرىيە تەرەپ ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقى چۈشۈپ بەش ئادەم قازا قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.
سۈرىيە تەرەپ جۈمە كۈنى تۈركىيە چېگراسىغا يەنە سنارەت ئاتقان. نەتىجىدە تۈركىيە سۈرىيىدىكى بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى تۈركىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى.