تۈركىيە سۈرىيىگە ئاتقان ئوقتا سۈرىيىنىڭ 12 ئەسكىرى ئۆلگەن

تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ شەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھازىرغا كەلگۈچە سۈرىيىگە قاراتقان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدە سۈرىيىنىڭ ئون نەچچە ئەسكىرى ئۆلگەن، بىر نەچچە تانكىسى پاچاقلانغان.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا سۈرىيە تەرەپ ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقى تۈركىيە چېگراسىغا چۈشۈپ، 5 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا كەلگۈچە سۈرىيە تەرەپتىن تۈركىيە چېگراسىغا چۈشكەن مىناميوت ئوقى 27 پاي بولۇپ، تۈركىيە سۈرىيىگە قارىتىپ ئۆچ ئېلىپ ئاتقان توپ ئوقى87 پايغا يەتكەن.

تۈركىيىنىڭ «مىللەت» گېزىتىگە قارىغاندا، بۇ جەرياندا سۈرىيىنىڭ 12 ئەسكىرى ئۆلگەن، 5 تانكىسى، 3 برونېۋىكى ۋە بىر مىناميوتى پاچاقلانغان.