لىۋىيىدىن كېيىن سۈرىيە ۋەزىيىتىمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

بىر يېرىم ئايدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش، يېقىنقى 3 كۈندىن بېرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىددەتلىك تەدبىرلىرىگە دۇچ كەلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، سۈرىيىدىكى نامايىشلارنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى ۋە مەركىزى بولۇپ تۇرۇۋاتقان دارا شەھىرىدە نامايىشچىلاردىن يەنە 25 كىشى ئۆلگەن.

سۈرىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن سۈرىيىدە نامايىش باشلانغاندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق تەدبىر قوللىنىشىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 400گە يەتكەن.

بۈگۈن يەنە سۈرىيە ھۆكۈمىتى دارا شەھىرىگە يەنە بىر تۈركۈم ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ئەۋەتكەن. سۈرىيە ئارمىيىسى داراغا ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ ۋەزىپىسىنى دارادىكى پۇقرالارنى تېررورچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش دەپ چۈشەندۈرگەن.

سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. تۈنۈگۈن ئەنگلىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىپ قويۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ناتودىكى ھەمكارلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە؛ فرانسىيە بىلەن ئىتالىيە «سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون دەمەشقتىكى ئەلچىسىگە سۈرىيىدىن قايتىپ كېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى مەيدانىدىكى جىددىيلىكىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ بۈگۈن پرېزىدېنت بەشەر ئەساد بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئۇنى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىشكە چاقىردى.