ب د ت سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆكتىچىلەرنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئەمەلدارى پرېس، بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆكتىچىلەرنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

پرېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيىدىكى توقۇنۇشتا ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۆكتىچىلەر 5000 دىن ئاشقان، تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچىلەر 14 مىڭدىن ئېشىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوشنا ئەللەرگە مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن.

سۈرىيە ھۆكۈمەت تەرەپمۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆكتىچىلەر قوزغىغان توپىلاڭنى باستۇرۇش جەريانىدا ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچى-ئەسكەرلىرىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل ئەتىيازدا باشلانغان سۈرىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر تەشكىللىگەن، سۈرىيىدە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ، بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغالغان نامايىشنى بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، بەشار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇشتا زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خەلقئارادا سۈرىيىنىڭ بەشار ئاسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى جازا قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.