ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەزالارنىڭ ئىستېپا بېرىشىگە سۈرىيىدە مەيدانغا كەلگەن دېموكراتىك نامايىشلاردا ھازىرغىچە 450 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جان بەرگەنلىكى ئاساس سەۋەب بولغان.
تۈنۈگۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دەرا شەھىرىدە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن رايونغا تانكىلارنى يوللىغان. شەھەردىن ئوق ئاۋازلىرى كەلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى بان كىمۇن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى تانكا ۋە ئوق ئىشلىتىپ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى. ئەمما ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چارشەنبە كۈنى سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە چاقىرغان يىغىندا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلان قىلىنىدىغان ئورتاق باياننامە ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان.
فرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان قارار لايىھىسى كېڭەشتىكى 15 ئەزا دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا لايىھىنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيىنىڭ مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى ئارقىلىق ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىنىڭ رايون ۋەزىيىتىگە پايدىسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ لايىھىگە قارشى چىققان.
جۈمە كۈنى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى پرېزىدېنت بەشار ئەسادنى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدىغان بىر قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويىدۇ.