خىتايدا ھورمونلۇق سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەردى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.08.10
2010.08.10
بۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئەمدىلا تۆت ئايلىق بولغان بىر قىز بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ھورموننىڭ مىقدارى بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ ھورمونى بىلەن ئوخشاش چىققان.
ۋەقەدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىز بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سۈت پاراشوكىدا ھورمون بارلىقىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى بىر قىسىم تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ ئورۇنلار سۈت پاراشوكىنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالغان.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرمۇ ۋەقەگە ئەھمىيەت بەرمىگەن. شىڭيۈەن سۈت پاراشوكى زاۋۇتىمۇ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بايانات بېرىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا ھورمون بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. "ھورمونلۇق سۈت پاراشوكى" مۇ دۇكانلاردا داۋاملىق سېتىلىۋەرگەن.
ب ب س'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋال بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئالغاندىن كېيىن، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇلار مىنىستىرلىقنىڭ خۇبىي ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەنلىكىنى، نەتىجىسى چىققان ھامان ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان سۈت پاراشوكلىرىدىن داۋاملىق مەسىلە كۆرۈلۈپ، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا.